ئوۋچى

ئوۋچى
hunter.jpeg
ياپونىيە كارتون فىلىمى «ئوۋچى» (ياپونچە نامى: ハンター×ハンター، ئېنگىلىزچە نامى: HUNTER×HUNTER) ياپونىيە ھەجۋىي رەسىم رەسسامى توگاشى ياشىرو (富坚义博) نىڭ كومىك ئەسىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن كارتون فىلىم بولۇپ، تۇنجى بولۇپ 1999-يىلى ANIMATION شىركىتى ئىشلىگەن ھەمدە «نەپسانىيەت ئارىلى قىسسىسى» غىچە فۇجى (fujitv) تېلىۋىزىيەسىدە قويۇلغان.

كىيىن 2011-يىلى MADHOUSE شىركىتى قايتىدىن ئىشلىگەن، «ئوۋچى ئىمتاھان قىسسىسى»، «نەپسانىيەت ئارىلى قىسسىسى»، «كىمېرا چۈمىلىسى قىسسىسى» بولۇپ جەمئىي 148 قىسىم چىقىرىپ ئاخىرلاشتۇرغان.

قىسقىچە ھېكايە بايانى

باش پېرسۇناژ گون كۇجىرا ئارىلىدا مىتۇ ھاممىسى ۋە مومىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ھايۋانلار بىلەن پىكىرلىشەلەيدۇ، كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا مىتۇ ھاممىسىنى ئۆز ئاپىسىدەك كۆرىدۇ. تاكى 9 ياشقا كىرگۈچە مىتۇ ھاممىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، شۇ يىلى گوننى ئورمانلىقتا بىر ياش قۇتقۇزىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ھەمدە كەسپىي ئوۋچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، مىتۇ ھاممىسىنى قايىل قىلىپ دادىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن ئۆزىمۇ ئوۋچى بولۇش يولىنى تاللاپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ، ۋە سەپەر ئۈستىدە دوست تۇتۇپ ئۈزلۈكسىز كۈچلىنىپ ئوۋچىلىق ئاجايىپ-غارايىپ تەۋەككۈلگە يولغان دۇنياغا يول ئالىدۇ.

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://bbs.dolqun.net/index.php/archives/11/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
يەتتە چوڭ گۇناھكار
ئالدىنقىسى...» 08-27
نارۇتو (كونۇخا كەنتى)
«...كېيىنكىسى 08-27

ئىنكاس يېزىش

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.0
جەمئىي 13 پارچە تېما | قىزغىنلىقى 170 °c
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

خەتكۈچلەر