نارۇتو (سىنا كەنتى)

سىنا كەنتى
dolqun-sina.png
شامال دۆلىتى-سىنا كەنتى، قۇملار بىلەن ئورالغان شامال ئاتامانىنى باش قىلغان نىنجالار كەنتى.

قۇم-بۇرانلىق ناچار مۇھىت بولسىمۇ مۇنەۋۋەر نىنجالارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، ھەم ئىلگىرى كونۇخا كەنتى بىلەنمۇ شىددەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بەش چوڭ كەنتنىڭ بىرسى. شامال ئاتامانلىرى ئاساسلىق قۇمنى كونترول قىلىش بىلەن بىرگە قۇمسىمان ماھارەتلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا قورچاق ماھارەتلىرى بار.

ئاتامانلار

تۇنجى ئەۋلاد شامال ئاتامان: رېتو (初代风影·烈斗)

رېتو بولسا سىنا كەنتىنى قۇرغان تۇنجى ئەۋلاد شامال ئاتامان، ئەنسىز زامانلارنى تىنىچلاندۇرغان بەش چوڭ ئاتاماننىڭ بىرسى، تۇنجى قېتىملىق «بەش ئاتامان يىغىلىشى» غا قاتناشقان. (مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى كۆپ ئەمەس)

ئىككىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان: شامون (二代目风影·沙门)

شامون بولسا ئىككىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان، بىر قۇيرۇق شۈكاكۇنى تەتقىق قىلغان، تۇنجى ئەۋلاد شامال ئاتاماننىڭ ئىدىيەسى ۋە تېخنىكىسى ئارقىلىق خېلى كۆپ مۇنەۋۋە نىنجالارنى يېتىشتۈرگەن ھەمدە قورچاق ماھارىتىنى ئىجاد قىلغان.

ئۈچۈنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان: ئىسىم بېكىتىلمىگەن (三代目风影)

ئۈچۈنچى ئەۋلاد شامال ئاتاماننىڭ ئىسمى بېكىتىلمىگەن پەقەت باشتىن ئاخىرى ئۈچۈنچى ئەۋلاد دەپلا ئاتىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ چاكىرا خۇسۇسىيىتى ئالاھىدە بولۇپ يەنى ماگىنتلىق خۇسۇسيەتكە ئىگە، ئىشلىتىدىغىنىمۇ قۇمسىمان تۆمۈر، ئۆزى خالىغان ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ، ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن بولۇپ كىيىن ئاشكارلىنىشچە ساسورى قەستلەپ ئۆزىنىڭ قورچىقى قىلىۋالغان،

تۆتىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان: راسا (四代目风影·罗砂)

راسا تۆتىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان، تېمارى، كانكۇرو ۋە گارانىڭ دادىسى، ماگنىت تون ۋە ئالتۇن قۇم ئىشلىتىدۇ، قۇملۇقتا بولسا غالجىرلاشقان بىر قۇيرۇق شۈكاكۈنىڭمۇ بېسىپ تۇرالايدىغان كۈچكە ئىگە، باشقا دۆلەت سىناگا كەنتى ئۇرۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەپ ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش ۋە ئوغلىنى كۈچلۈك قورال قىلىش ئۈچۈن ئوغلى گارانىڭ تېنىگە بىر قۇيرۇقنى بەند قىلىۋەتكەن، كىيىن ئوروچىمارۇ باشچىلىقىدىكى ئوتو كەنتى ھۇجۇم قىلىپ ئۆلتۈرۋەتكەن.

بەشىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان: گارا (五代目风影·我爱罗)

گارا بىر قۇيرۇق شۈكاكۈنىڭ قاچىلىغۇچىسى ۋە 5-ئەۋلاد شامال ئاتامان، كىچىكىدىن باشقىلار غەلىتە مەخلۇقنى كۆرگەندەك كۆرۈپ قاچىدىغان ۋە ئارىغا ئالمايتتى كىيىن رەھىمسىز دادىسىنىڭ بۇيرىقى بويىچە قەست قىلىنغان لېكىن ئۆلمىگەن ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ مىجەزى رەھىمسىز ۋە سوغۇق بولۇپ قالغان كىيىن ئۈزۈماكى نارۇتو بىلەن ئۇچرىشىپ بىر قاتار ئېلىشىشلاردىن كىيىن قەلبى يۇمشاپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ ۋە تىرىشىشپ ئەتراپىدىكىلەرنى قوغدايدىغان مېھرىبان نىنجا بولۇپ ئاخىردا 5-ئەۋلاد شامال ئاتامان بولىدۇ.

پېشقەدەملەر

چىيو موماي

سىناگا كەنتىنىڭ پېشقەدەم مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى، ئاكاتسۈكىدىكى ساسورىنىڭ مومىسى، قورچاق ماھارىتى ۋە داۋالاش ماھارىتىگە ماھىر بولۇپمۇ قورچاق ماھارىتىگە 2-ئەۋلاد شامال ئاتامانىدەك ئۇستا تەتقىقاتچى، كىيىن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان ساسورىنىڭ ئازاپلىنىشىغا چىدىماي ماھارىتىنى ئۆگىتىدۇ، ئۈچۈنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن. ئاكاتسۈكى گارانى ئېلىپ كەتكەندە ھاياتى بەدىلىگە گارانى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن چەكلەنگەن ماھارەت ئىشلىتىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

ئېبىزو بوۋاي

چىيو موماينىڭ ئىنىسى، چىيو مومايغا ئوخشاش پېشقەدەم مەسلىھەتچى، ئېنىق تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى يوق.

نىنجالار

تېما (手鞠)

تېمارى بولسا بەشىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان گارا ۋە كانكۇرونىڭ نىڭ ئاچىسى، ئوچۇق-يورۇق تۈز گەپ قىلىدىغان چوڭ ئۈچ چېكىتلىك يەلپىگۈچ ئىشلىتىدىغان شامال تونغا ماھىر نىنجا.

كانكۇرو (勘九郎)

كانكۇرو بولسا بەشىنچى ئەۋلاد شامال ئاتامان گارانىڭ ئاكىسى، تېمارىنىڭ ئۇكىسى بولۇپ، كېلىشكەن كۆرۈنۈشكە تازا ئامراق ئەمەسمۇ ئەيتاۋۇر يۈزىگە دائىم نەرسە سۈركەپ سەت قىلىپ يۈرۈيدىغان قورچاق ماھارىتىگە ئۇستا نىنجا.

ياشامارۇ (夜叉丸)

ياشامارۇ بولسا سىنا كەنتىنىڭ داۋالىغۇچى نىنجاسى، بەكلا كېلىشكەن بولغاچقا باشقىلارغا قىز دەپ خاتا تەسىر بېرىپ قويغان، گارانىڭ ئۆز تاغىسى ھەمدە سىناگا يوشۇرۇن قىسىمنىڭ ئەزاسى، بىر قۇيرۇق غالجىرلىشىپ كەتكەندە گارانىڭ دادىسى 4-ئەۋلاد شامال ئاتاماننىڭ بۇيرىقى بويىچە گارانى قەستلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ مەغلۇپ بولۇپ، كېيىن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://bbs.dolqun.net/index.php/archives/15/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
نارۇتو (كونۇخا كەنتى)
ئالدىنقىسى...» 08-27
نارۇتو (كۇمو كەنتى)
«...كېيىنكىسى 08-27

ئىنكاس يېزىش

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.0
جەمئىي 13 پارچە تېما | قىزغىنلىقى 164 °c
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

خەتكۈچلەر