نارۇتو (كۇمو كەنتى)

كۇموكەنتى
dolqun-kumo.png
چاقماق دۆلىتى-كۇمو كەنتى، تۇمان قاپلىغان، مۇلايىم ۋە قارا تەنلىك نىنجالار بىلەن تولغان كەنت.

چاقماق ئاتاماننى باش قىلغان ۋە نىنجالار كەنتى، ئاساسلىق چاقماق تون ۋە قىلىچ ماھارىتىگە ماھىر بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاھىدە تەن ماھارىتى بار.

چاقماق ئاتامان ئاتىلىشى ھەققىدە

كۇموگاكى كەنتىدە ئەڭ كۈچلۈك نىنجانى چاقماق ئاتامان ۋە ئۇنى «ئېي» دەپ ئاتاپ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋام قىلغان، «ئېي» كەنتتىكى ئەڭ كۈچلۈك كىشى ۋە ھۆكۈمران ھېساپلىنىدۇ.

ئاتامانلار

تۇنجى ئەۋلاد چاقماق ئاتامان: ئېي (初代风影·烈斗)

تۇنجى ئەۋلاد ئېي بولسا كۇمو كەنتىنى قۇرغان تۇنجى ئەۋلاد چاقماق ئاتامان، ئەنسىز زامانلارنى تىنىچلاندۇرغان بەش چوڭ ئاتاماننىڭ بىرى.

ئىككىنچى ئەۋلاد چاقماق ئاتامان: ئېي (二代目雷影)

ئىككىنچى ئەۋلاد ئېي بولسا، تۇنجى ئەۋلاد چاقماق ئاتاماننىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ كىيىن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ 2-ئەۋلاد چاقماق ئاتامان بولغان. تۇنجى قېتىملىق «بەش ئاتامان يىغىلىشى» غا قاتناشقان. ۋە ئۇتۇقلۇق سۆھبەتلىشىپ تۇنجى ئەۋلاد چاقماق ئاتاماننىڭ ئارزۇيى بولغان كەنتنىڭ تىنىچلىقى ئۈچۈن تۇنجى قەدەمنى ئالغان. (مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى كۆپ ئەمەس)

ئۈچۈنچى ئەۋلاد چاقماق ئاتامان: ئېي (三代目雷影)

ئۈچۈنچى ئەۋلاد ئېي بولسا، 4-ئەۋلاد ئېينىڭ دادىسى، «ئەڭ كۈچلۈك نەيزە» دەپ نامى بار، چاقماق تونغا ماھىر، قۇيرۇق مەخلۇققا تاقابىل تۇرالىغۇدەك كۈچكە ئىگە، بىر قېتىم غالجىرلاشقان 8 قۇيرۇق بىلەن ئېلىشىپ ئىككىلىسى ھالىدىن كېتىپ تەڭ يېقىلغان. ئۈچۈنچى قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدا ئۈچ كېچە ئۈچ كۈندۈز يالغۇز تۈمەن قوشۇنغا تاقابىل تۇرۇپ ئاخىردا ھالىدىن كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن.

تۆتىنچى ئەۋلاد چاقماق ئاتامان: ئېي (四代目雷影)

تۆتىنچى ئەۋلاد ئېي بولسا، چاقماق تونغا ئالاھىدە ماھىر بولۇپ، پۈتۈنلەي تېزلىككە تولغان، 4-ئەۋلاد ئوت ئاتامان نامىكازى مىناتودىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە تېز بولۇپ «كۆك چاقماق» دەپ نامى بار. مىجەزى چۇس، 8 قۇيرۇقنىڭ قاچىلىغۇچىسى بولغان كىرا بىنىڭ ئاتاق ئاكىسى.

بەشىنچى ئەۋلاد چاقماق ئاتامان: دارۈي (五代目·达鲁伊)

دارۈي بولسا 3-ئەۋلاد چاقماق ئاتاماننىڭ قارا چاقماق تونىغا ۋارىسلىق قىلغان بىردىن-بىر ۋارىسى، جەمەت ماھارىتى بولغان تۇمان تونغا ئىگە. 4-ئەۋلاد ئۇنى ئىككىنچى قولۇم دەپ تەرىپلىگەن، 4-قېتىملىق نىنجالار ئۇرۇشىدىن كىيىن 5-ئەۋلاد چاقماق ئاتامان بولغان.

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://bbs.dolqun.net/index.php/archives/17/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
نارۇتو (سىنا كەنتى)
ئالدىنقىسى...» 08-27
نارۇتو (ئىۋا كەنتى)
«...كېيىنكىسى 08-27

ئىنكاس يېزىش

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.0
جەمئىي 13 پارچە تېما | قىزغىنلىقى 161 °c
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

خەتكۈچلەر