ئالۋاستى يوقاتقۇچى

p2572413302.jpg
ئالۋاستى يوقاتقۇچى [鬼灭之刃]
ئاپتورى: گوتوگې كويوخارۇ
باشقا نامى:
吾峠 呼世晴
ごとうげ こよはる
Gotouge Koyoharu
دۆلىتى: ياپونىيە [日本]
تۈرى: ئاجايىپ ھەركەتلىك جۇشقۇن [奇幻]
قىسىم سانى: 26 قىسىم
tt9335498I :IMDb

تەرجىمە ھالىتى: تەرجىمىسى پۈتۈپ بولدى

تەرجىمىسىگە قاتناشقۇچىلار:
تەرجىمىدە: Simba
ناخشا تەرجىمىسىدە: Nejmi
تەھرىرى: Nejmi
كىرىشتۈرگۈچى:Nejmi

قىسقىچە ھېكايە بايانى:
ياپونىيە تايشو دەۋرىدە ئادەم يەيدىغان ئالۋاستىلار ئەۋج ئالغان دۇنيا بولۇپ، بىر كۈنى كامادو ئائىلىسىدىكىلەرنى ئالۋاستى يەپ، سىڭلىسى ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ھەمدە باش قەھرىمانىمىز كامادو تانجىرو ئالۋاستى يوقاتقۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ يول-يورۇقى بويىچە سىڭلىسىنى ئىنسان ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئازاپلىق ۋە جاپالىق مەشىقلەرنى قىلىپ خەتەرگە تولغان يولغا قەدەم قويدى...

پېرسۇناژلار

كامادو تانجىرو [灶门 炭治郎/Kamado Tanjirou]
باش قەھرىمان، سىڭلىسى نېزۈكونى ئىنسان ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن 2 يىل جاپالىق مەشىق قىلىپ "ئالۋاستى يوقاتقۇچى" تەشكىلاتىغا كىرگەن.
ماھارەت تۈرى: سۇ كەبى نەپەسلىنىش ۋە ئوت كەبى نەپەسلىنىش
(قۇياش كەبى نەپەسلىنىشنىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسقىسى)

كامادو نېزۈكو [灶门 祢豆子/Kamado Nezuko]
باش ئايال قەھرىمان، تانجىرونىڭ سىڭلىسى، ئۆيدىكىلىرىنى ئالۋاستى ئۆلتۈرۋېتىپ كىبۇتسۇجى مۇزان قېنى سەۋەبلىك بولسا ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قالغان، ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قېلىپ ئاكىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتا ئاڭ ۋە مېھرى مۇھاببەت ئويغىنىپ ئۆزلىكىنى قايتۇرۋالغان ھەمدە ئۆز خاھىشى بىلەن ئادەم يېمەيدىغان ۋە ئۇخلاش ئارقىلىق ئېنىرگىيە تولۇقلايدىغان ھالەتكە ئايلانغان.

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://bbs.dolqun.net/index.php/archives/3/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
تەرجىمە فىلىمنىڭ پۈتۈپ چىقىش تەپسىلاتى !
ئالدىنقىسى...» 03-05
دېڭىز قاراقچىسى شاھى
«...كېيىنكىسى 08-27

ئىنكاس يېزىش

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.0
جەمئىي 13 پارچە تېما | قىزغىنلىقى 165 °c
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

خەتكۈچلەر