يەتتە چوڭ گۇناھكار

يەتتە چوڭ گۇناھكار

ياپونىيە ھەجۋىي رەسىم رەسسامى ناكابا سۈزۈكى (铃木央 Nakaba Suzuki) نىڭ ئەسىرى بولۇپ، 2011-يىلى «ئۆسمۈر magazine» دا قىسقىغىنە ئېلان قىلىنغان ھەمدە ياخشى باھالارغا ئېرىشىپ، 2012-يىلى رەسمىي ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ھەمدە 2014-يىلى كارتون فىلىم قىلىنىپ ئىشلەنگەن.

قىسقىچە ھېكايە بايانى

قەدىمىي ئۆتمۈشتە، بۇ زېمىندا 5 خىل ئوخشىمىغان تائىپە (ئىرق) ياشايدىغان بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشچە 3 مىڭ يىل ئىلگىرى سەنەملەر باشچىلىقىدىكى شاياتۇنلار، گىگانىتلار ۋە ئىنسانلار، ھالەك قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان ئەرۋاھلارنى يوقىتىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان، ئاخىردا تۆت تائىپە بىرلىشىپ ئەرۋاھ مىللىتىنى پىچچەتلىۋەتكەن. ھەممە يەر تىنىچلىققا يۈزلىنىپ بۇ «مۇقەددەس جەڭ» دەپ ئاتالغان.

ھېكايە بۇرىتانىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى رىئونىس خانبالىقىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، پادىشاھ بارۇتورانىڭ بېشارەت ئىقتىدارى بولۇپ، «مۇقەددەس جەڭ» قايتىدىن يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەتنى كۆرىدۇ، بىراق دۆلەتنىڭ مۇقەددەس چەۋەنداز بېشى شۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر توپلاپ ھەم مەشىق قىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پادىشاھ ۋە باشقىلارنى نەزەربەند قىلىۋالىدۇ، پادىشاھ 3-مەلىكىسى ئېلىزابىتقا، ھەممىگە پۇر كەتكەن يەتتە قەبىھ جىنايەتچىدىن تەركىب تاپقان «يەتتە چوڭ گۇناھكار» نى ئىزدەپ تېپىشىنى ۋە شۇلارنىڭلا بۇ دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىغانلىقىنى تاپىلاپ قاچۇرۋېتىدۇ، ئېلىزابىت مەلىكە «يەتتە چوڭ گۇناھكار»نى ئىزدەپ تېپىش سەپىرىنى باشلىۋېتىدۇ، ھەمدە بىلىپ-بىلمەيلا قاۋاقخانا ئېچىۋالغان ئۇلارنىڭ بېشى «ئەجدەر-غەزەپ گۇناھى مېرىئوداس» بىلەن ئۇچرىشىپ، بىر قاتار ئىشلاردىن كىيىن رەسمىي ھالدا مېرىئوداس ۋە ئېلىزابىت مەلىكە دۆلەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن باشقا «يەتتە چوڭ گۇناھكار» ئەزالىرىنى ئىزلەپ تەۋەككۈلچىلىكىنى باشلىۋېتىدۇ.

پېرسۇناژلار

ئەجدەر-غەزەپ گۇناھى: مېرىئوداس (梅利奥达斯)

ئەجدىھا تەن چەكمىلىك مېرىئوداس، ئەرۋاھلار قېنى بار، سېرىق چاچلىق، قىياپىتى مەڭگۈ كىچىك بالا ھالەتتە ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولۇپ، ئەسلىدىكى «ئونمەرۇپ (ئون+ئەمرىمەرۇپ)» نىڭ بېشى، ھازىر «يەتتە چوڭ گۇناھكار» نىڭ بېشى، نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى نامەلۇم، ئەمەلىي كۈچى ئالاھىدە كۈچلۈك، دىيىلىشچە غەزىپىنى باسالماي يالغۇز بىر دۆلەتنى ھالەك قىلىۋەتكەن شۇ سەۋەبمۇ ئەيتاۋۇر غەزەپ گۇناھى دەپ ئاتالغان.

ماھارەتلىرى

قورالى: ئوتتۇرا تىپلىق شەمشەر، ئۆزىدە بار بولغان سېھىر پۈتۈن قايتۇرما ھۇجۇم.

پۈتۈن قايتۇرما ھۇجۇم: قولىدا قورال قىلغۇدەكلا نەرسە بولسا ھەرقانداق سېھرى ھۇجۇمنى ھەسسىلەپ قايتۇرۋېتەلەيدۇ.

قايتۇرما يوقىتىش: ئۆزىگە قاراپ كەلگەن ھۇجۇم خارەكتىردىكى سېھىرنى يوق قىلىۋېتەلەيدۇ.

تىلسىم . قىساسكار قايتۇرما ھۇجۇم: پۈتۈن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، شۇ ھامان قايتۇرما ھۇجۇم قىلمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۇجۇمنى ئۆزىگە يىغىۋېلىپ ئاندىن بىراقلا ھەممىسىنى قويۇپ بېرىدىغان ماھارەت.

تۈمەن كىسەر: شەمشىرىگە قارا يالقۇن يىغىپ، توختىماستىن سېھىر يىغىپ ئاندىن ئىشلىتىدىغان ماھارەت.

سېھىرلىك شەمشەر . تىلسىم قورال ئويغىنىش: ئۆزىنى رېئال 5 كە بۆلىدىغان ماھارەت بولۇپ، ھەر بىر تەن ئايرىغاندا ئۆزىنىڭ كۈچى يېرىم پارچىلىنىدۇ، 5 كە بۆلگەندە ھەر بىر تېنىدە 5 دە 1 كۈچ بار.

يىلان-ھەسەت گۇناھى: دىئاننا (黛安)

يىلان چەكمىلىك دىئاننا بولسا گىگانت تائىپەسىدىن، ئۆزىمۇ ناھايىتى گىگانىت چوڭ ھەمدە نوقۇل كۈچ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك، زېمىننى كونترول قىلالايدۇ ۋە بولقا شەكىللىك خىسلەتلىك قورالى بار، ئاسان كۈنلەيدۇ ۋە ھەسەت قىلىدۇ، دىئاننا ھۆرمەت قىلىدىغان ماتورونانى باشقىلار زەھەرلەيدۇ، ۋە شۇنىڭغا چىدىماي پادىشاھنى ۋە 300 دىن ئوشۇق ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ قويغاچقا «ھەسەت گۇناھى» دەپ ئاتالغان ۋە شۇنداق خاتىرلەنگەن.

ماھارەتلىرى

قورالى: گىگانىت بولقا، ئۆزىدە بار بولغان سېھىر ئىجاد قىلىش.

قۇم قاينام: سېھرى ئارقىلىق يەرنى قۇملۇق قاينىمىغا ئايلاندۇرۇپ دۈشمەننى قاينامغا پاتتۇرۋېتىدۇ.

ئېغىر مېتال: گىگانىتلارنىڭ بىرخىل ئۆزىنى قوغدايدىغان ماھارىتى بولۇپ، بەدىنىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ ھەم ئۆزىنى قوغدايدۇ ھەم ھۇجۇم قىلىدۇ، قاتتىقلىق دەرىجىسى ئالماس بىلەن تەڭ.

زېمىن غەزىپى: خىسلەتلىك بولقىسى بىلەن يەرگە مۇشتلاپ، تاشلارنى بىر يەرگە يىغىپ شۇ ئارقىلىق دۈشمەننى ئۇچۇرۋېتىدۇ.

زېمىن شەمشىرى: خىسلەتلىك بولقىسى بىلەن يەرگە مۇشتلاپ شەمشەر شەكىللىك تىك قىيا چىقىرىدۇ.

مېتروئىت ئۇچۇرۇش: خىسلەتلىك بولقىسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۈشمەن تۇرغان يەرنى ئۇچۇرۇپ بولقىسى بىلەن قاتتىق ئۇرىدۇ.

گىگانىت قوشكېزەك: ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئىجاد قىلىش سېھرى بىلەن لاي ئادەم چىقىرالايدۇ.

تۈلكە-ئاچكۆز گۇناھى: بان (班)

تۈلكە چەكمىلىك بان بولسا ئەسلى ئىنسان بولۇپ، كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شاياتۇنلار ئورمانلىقىدىكى ھاياتلىق بۇلىقىنى ئىچىپ ئۆلمەس تەنگە ئىگە بولغان، يەنە بىر نامى « ئۆلمەس تەن بان»، ئاچكۆزلىكىدىن شاياتۇنلار ئورمانلىقىدىكى ھايات بۇلىقىنى دەپ ئورمانلىقنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، قوغدىغۇچى مەلىكىنى ئۆلتۈرۋەتكەن دەپ «ئاچكۆز گۇناھى» دەپ ئاتىلىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە ھېكايە بۇنداق ئەمەس بولۇپ، بان ھەقىقەتەن ھاياتلىق بۇلىقىنى دەپ ئورمانلىققا بارىدۇ، لېكىن شاياتۇنلار مەلىكىسى ئېرىننىڭ ھاياتلىق بۇلىقىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى دېگەندە ۋاز كېچىدۇ، ھەمدە ئېرىن بىلەن چىقىشىپ قالىدۇ، شۇ ئارلىقتا ئەرۋاھلارنىڭ قالدۇقى ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ ئورمانلىققا ئوت قويىۋېتىدۇ، بان ھاياتلىق بۇلىقىنى ئېرىن ئىچىۋەتكىن دېگەندە ئېرىن ماقۇل دەپ قويۇپ بانغا ئىچۈرۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆلمەس تەنگە ئىگە بولۇپ قالغان، ئېرىن بولسا ئۆلۈپ كەتكەن، بان ئاخىرقى ئورمانلىق ئۇرۇقىنى قېنى ئارقىلىق تېرىپ ئارىلاپ كېلىپ قېنى ئارقىلىق سۇغۇرۇپ شاياتۇنلار ئورمانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

ماھارەتلىرى

قورالى: ئۈچ بۇغۇملۇق كالتەك، ئۆزىدە بار بولغان سېھىر بۇلاش.

تەن ئالاھىدىلىكى: ئۆلمەس تەنگە ئىگە

بەدەن ئوۋلاش: قارشى تەرەپنىڭ تەن كۈچى ۋە سېھرىنى بۇلاش ئارقىلىق ماغدۇرسىز قىلىپ قويىدۇ ۋە ئۆزىنى زور دەرىجىدە كۈچلەندۈرىدۇ.

ئوۋ ئوۋلاش: ئۈچ بوغۇملۇق كالتىكى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكىنى سۇغۇرىۋالىدۇ.

ئوۋچى مۇراسىمى: 30 مېتىر ئەتراپىدىكى ھەرقانداق جانلىقنىڭ سېھرىنى بۇلاش ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھەتتا «ئونمەرۇپ» دىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

ئېيىق-ھورۇن گۇناھى: كىنگۈ (خارىكۇيىن) (金 (哈勒昆

ئېيىق چەكمىلىك كىنگۈ بولسا شاياتۇن تائىپەسىدىن، ئەسلى ئىسمى خارىكۇيىن، يەنە كېلىپ شاياتۇن شاھى(زېرەكچاق شاھى) خارىكۇيىن، ئېرىننىڭ ئاكىسى، شاھ تۇرۇپ ئۆز تائىپەسىدىكىلەرنىڭ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۋېتىشىگە قاراپ تۇرغان دەپ «ھورۇن گۇناھى» دەپ ئاتالغان، ئەسلى دوستى ئىنسانلارغا ئامراق بولۇپ، كىيىن ئۇ ئىنسان دوستىغا ساتقىنلىق قىلىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ھايۋان ئورنىدا سېتىپ قىينىغانلىقى ئۈچۈن دوستى ئىنسانلارنى قىرىپ تاشلىغان، كىيىن خارىكۇيىن شاياتۇنلار دۆلىتى بىلەن كارى بولماي دوستى ئۈچۈن چىقىپ كېتىپ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن خاتىرىسىنى يوقىتىپ ۋە شۇ جەرياندا دىئاننا بىلەن ئۇچرىشىپ دوست بولۇپ، دىئاننانى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە نەچچە يۈز يىللاردىن كىيىن ئورمانلىقىغا قايتقىنىدا ئورمانلىق كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. ئاساسلىقى خىسلەتلىك قورالىغا تايىنىپ جەڭ قىلىدۇ.

ماھارەتلىرى

قورالى: ئۆزگۈرۈشچان نەيزە قورال، ئۆزىدە بار بولغان سېھىر ئاپەت، لەيلەش، ئالماشتۇرۇش

ئاپەت: باشقىلارنىڭ بەدىنىدىكى جاراھەت ياكى ئاغرىقنى ئېغىرلاشتۇرۇش.

لەيلەش: قانىتى بولمىسىمۇ نورمال لەيلەپ ئۇچالايدۇ.

ئالماشتۇرۇش: سىرتقى قىياپىتى ۋە كىيىمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، جىددىيلەشكەندە تەبىيلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

روھ قورال (چىن .روھ قورالنىڭ ھەيۋىسى تېخىمۇ كۈچلۈك)

بىرىنچى ھالەت:

روھ قورال: نورمال ھالەتتە كونترول قىلىپ ئېلىشىدۇ.

ھەرە ئۇسۇلى: تېز سۈرئەتتە ھۇجۇم قىلىدۇ.

ئىككىنچى ھالەت:

قوغدىغۇچى: چوڭ قونچاق بولۇپ، ئۆزى يۇمشاق تەركىۋىدە سۇ بار بولۇپ شۇ سەۋەب ئوتتىن قورۇقمايدۇ.

ئۈچۈنچى ھالەت:

تاشقا ئايلاندۇرۇش: قارشى تەرەپكە سانجىپ تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

تۆتىنچى ھالەت:

ئاپتاپپەرەس: گىگانىت ئاپتاپپەرەسكە ئوخشايدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلدەك ئېچىلىپ ئېچىلغان يەردىن سانسىزلىغان نۇرسىمان ھۇجۇم قوزغايدۇ.

بەشىنچى ھالەت:

كۆپىيىش: روھ قورالنىڭ بېشى سانسىزلىغان كىچىك ھالەتكە ئۆتۈپ ئوقتەك ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ.

يەتتىنچى ھالەت:

يورۇقلۇق: نۇر چاچىدىغان شارچە بولۇپ، يورۇتقۇچ لامپۇچكا رولىنى ئوينايدۇ.

سەككىزىنچى ھالەت:

گۈل چېڭى باغچىسى: خىسلەتلىك دەرەخنىڭ گۈل چېڭى ئارقىلىق مۇداپىئە ھەم داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۆچكە-شەھۋەت گۇناھى: گوۋسىر (高瑟)

ئۆچكە چەكمىسى بار گوۋسىر بولسا قورچاق بولۇپ، ئۆتمۈشتىكى ئۇلۇغ سېھرىگەر ياساپ چىققان قورچاق ھەمدە «ئونمەرۇپ» نىڭ «ئىستەكسىز گوۋسىر» نامىدىكى بىر ئەزاسى، گەپنى ئۇدۇل قىلىۋېرىدۇ «چۈنكى مەندە قەلب يوق» دېگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، نېمە جىنايىتى بار ئېنىق ئەمەس، قارىغاندا «ئونمەرۇپ» تىكى ئىسمىغا قارشى قويۇلغان ئىسىم بولسا كېرەك، ئاساسلىق ماھارىتى باشقىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئەسلىمىسىنى كونترول قىلالايدۇ.

چوشقا-نەپسانىيەت گۇناھى: مارلىن (玛琳)

چوشقا چەكمىلىك مارلىن بولسا بۇرۇتانىيەدىكى 1-دەرىجىلىك سېھرىگەر، ھەتتا ئۆز ۋاقتىنىمۇ توختىتىپ قويغان سېھرىگەر، سېھىر تەتقىق قىلىشقا بەكلا ئامراق بولغاچقا «نەپسى تويماس مارىن» دەپمۇ نامى بار، داۋاملىق سېھىرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھاياتى شۇنداقلا ۋاقتىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى توختىتىپ قويغان.

ماھارەتلىرى

قورالى: چولپان يۇلتۇز ئاردان، ئۆزىدە بار بولغان سېھىر «چەكسىز»، ئېيتىلىشچە بىر قېتىم قويۇپ بەرگەن سېھىر مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئوت قويۇپ بەرسە ئوت ئۆچمەيدۇ، سۇمۇ ھەم شۇنداق شۇ سەۋەب ئۆزىگە ۋاقىتنى توختىتىش سېھرى ئىشلىتىپ ھەرۋاقىت ياپياش ھالەتتە تۇرىدۇ.

ماھارەتلىرى زىيادە كۆپ ئاساسەن سېھىرگە مۇناسىۋەتلىك ھەممە ماھارەتلەرنى پىششىق بىلىدۇ. سېھىر جەھەتتە ھەممىدىن كۈچلۈك.

شىر-ھاكاۋۇر گۇناھى: ئېسكانورۇ (艾斯卡诺)

شىر چەكمىسى بار ئېسكانورۇ بولسا ئىنسان، تۇغۇلغاندىن تارتىپلا قارغىشقا ئۇچرىغان بولۇپ سېھرى كۈچى ئالاھىدە يۇقىرى، ئېسكانورۇنىڭ كېچە ۋاقتى بىلەن كۈندۈز ۋاقتى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، كېچىسى ناھايىتى ئاجىز ئورۇقمايمۇن، ھەم مۇلايىم، قورقۇنچاق ئادەم، كۈندىزى بولسا ئادەتتىن تاشقىرى تەن ساپاسىغا ئىگە قاۋۇل ھەم ناھايىتى كۈچلۈك تاغاشقا ئايلىنىدۇ، قۇياش قانچە پارلاق چىققانسىرى سېھىر كۈچى شۇنچە كۈچىيىدۇ، ھەتتا «ئونمەرۇپ» بىراقلا ئىككى ئۈچى كەلسىمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن چىڭقى چۈش ۋاقتى بولسا پەقەت بىر مىنۇت «تەڭداشسىز» ھالەتكە ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى ئېسكانورۇغا مېرىئوداسمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ، مېرىئوداسنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ماھارىتىمۇ، ئېسكانورۇغا نىسپەتەن پاشا چاققانچىلىك تەسىر قىلىدۇ، ھەمدە بىر ھۇجۇم بىلەن مېرىئوداسنى يوق قىلىۋېتەلەيدۇ. (بۇ جەريانلار كومىك يەنى ھەجۋىي رەسىمدە چىقىدۇ).

ماھارەتلىرى

قورالى: خىسلەتلىك پالتا . رىتا ئىقتىدارى تولۇقلاش ۋە قويۇپ بېرىش، ئۆزىدە بار بولغان سېھىر قۇياش. قۇياشنىڭ ئىسسىش دەرىجىسى قانچە كۈچلۈك بولسا كۈچى شۇنچە زورىيىپ ماڭىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر كۈنى كۈندىزى ئېسكانورۇ قاراڭغۇ ئورمانلىق ياكى قان شورىغۇچىلارنىڭ قورغىنىغا بېرىپ تۇرىدۇ، بولمىسا ئەتراپىدىكى نەرسىلەر كۈلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

زىيادە كۈچلۈك ۋە قىززىق بولغاچقا باشقىلار ئېلىشىش تۈگۈل يېنىدىمۇ تۇرالمايدۇ.

مەزكۇر يازما تور دۇنياسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز ئادرىسىنى ئەسكەرتىڭ: http://bbs.dolqun.net/index.php/archives/9/
-- تولۇق مەزمۇنىنى ئېچىش --
دېڭىز قاراقچىسى شاھى
ئالدىنقىسى...» 08-27
ئوۋچى
«...كېيىنكىسى 08-27

ئىنكاس يېزىش

ئاپتور ئۇچۇرى

DolqunLv.0
جەمئىي 13 پارچە تېما | قىزغىنلىقى 168 °c
يېڭى تېما

ئاۋات تېما

خەتكۈچلەر